ئاتلان ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر مونىتور» ناملىق پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدىغان ژۇرنالىزىم ئورگىنىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى ئۆزىگە بۇرچ قىلغان
تارىخ ۋە بۈگۈن - ئاتلان 2006- يىلى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قۇرۇلغاندىن تاكى 2017- يىلىغا قەدەر «تىل بايلىق دېمەكتۇر» دېگەن شوئار ئاستىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلەشكۈچى تىل ئۆگەنگۈچىلەرنى تەربىيەلىگەن. 20 يىلدىن كېيىنكى 2026- يىلى ئاتلان ئامېرىكىدا قايتىدىن يېڭى بۇرچىنى ئادا قىلىش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىتىشنى باشلىدى
ئوقۇغۇچىلار تۈرلىرى
قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى
$29/ئاي
قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى 24 ئايلىق ئوقۇش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ. ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى يىللىق ئوقۇش ھەققىدە جەمئىي 1680 دوللار تېجەپ قالىدۇ. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلار پەقەت چەكلىك ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ۋە تۆۋەندىكى ئېتىبارلادىن بەھىرلىنىدۇ. سان توشقاندا قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ ئۇچۇرلار ئۆچۈرلىدۇ
-
ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا 24 ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
-
ئاتلان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئەزاسى بولۇپ، ئاتلان تور دەرسخانىسىدا ئاتلاننىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۆز ئارا ئۆگىنىش ياردىمى بېرەلەيدۇ ۋە ئىرىشەلەيدۇ
-
يېڭى ئېچىلىدىغان كۇرسلارنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن ئۆگىنەلەيدۇ
-
قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان 50 نەخ مەيدان لېكسىيەلىرىگە قاتنىشالايدۇ
-
ئىككى يىلدىن كېيىن داۋاملىق تىزىملاتماقچى بولسا ئوخشاش ئېتىبار بىلەن تىزىملىتالايدۇ
يىللىق ئوقۇغۇچى
$82/ئاي
يىللىق ئوقۇغۇچى 12 ئايلىق ئوقۇش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ. ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا يىللىق ئوقۇش ھەققىدە 204 دوللار تېجەپ قالىدۇ
-
ئاتالاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا 12 ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
-
ئاتلان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاتلان تور دەرسخانىسىدا ئاتلاننىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۆز ئارا ئۆگىنىش ياردىمى بېرەلەيدۇ ۋە ئىرىشەلەيدۇ
-
يېڭى ئېچىلىدىغان كۇرسلارنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن ئۆگىنەلەيدۇ
ئايلىق ئوقۇغۇچى
$99/ئاي
-
ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا بىر ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
-
ئاتلان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئايلىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاتلان تور دەرسخانىسىدا ئاتلاننىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۆز ئارا ئۆگىنىش ياردىمى بېرەلەيدۇ ۋە ئىرىشەلەيدۇ
ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى
بارلىق كۇرسلار
ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق تۈرلىرى
قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى
قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى 24 ئايلىق ئوقۇش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ. ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى يىللىق ئوقۇش ھەققىدە جەمئىي 1680 دوللار تېجەپ قالىدۇ. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلار پەقەت چەكلىك ساندىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ ۋە تۆۋەندىكى ئېتىبارلادىن بەھىرلىنىدۇ. سان توشقاندا قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى بۇ ئۇچۇرلار ئۆچۈرلىدۇ
-
ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا 24 ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
-
ئاتلان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئەزاسى بولۇپ، ئاتلان تور دەرسخانىسىدا ئاتلاننىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۆز ئارا ئۆگىنىش ياردىمى بېرەلەيدۇ ۋە ئىرىشەلەيدۇ
-
يېڭى ئېچىلىدىغان كۇرسلارنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن ئۆگىنەلەيدۇ
-
قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى قايتا كۆرگىلى بولىدىغان 50 نەخ مەيدان لېكسىيەلىرىگە قاتنىشالايدۇ
-
ئىككى يىلدىن كېين داۋاملىق تىزىملاتماقچى بولسا ئوخشاش ئېتىبار بىلەن تىزىملىتالايدۇ
يىللىق ئوقۇغۇچى
-
ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا 12 ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
-
ئاتلان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئاتلان تور دەرسخانىسىدا ئاتلاننىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۆز ئارا ئۆگىنىش ياردىمى بېرەلەيدۇ ۋە ئىرىشەلەيدۇ
-
يېڭى ئېچىلىدىغان كۇرسلارنىڭ مەزمۇنىنى ئالدىن ئۆگىنەلەيدۇ
ئايلىق ئوقۇغۇچى
-
ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا بىر ئاي قاتنىشالايدۇ
-
نەخ مەيدان دەرسلەر + فىلىملىك دەرسلەر + مەشىقلەر + سىناقلار
ئاتلان ھەققىدە دائىملىق سوئاللارغا جاۋابلار
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيەسى ئىنگلىز تىلى دەرسلىرىنى كىم ئۆتىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلان ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىنى ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى، 26 يىلدىن ئارتۇق ئىنگلىز تىلى دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسىگە ئىگە قاسىمجان مۇئەللىم ئۆزى ئۆتىدۇ
سوئال: ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان مۇئەللىم كىم؟
جاۋاب: قاسىمجان ئابدۇرېھىم قەشقەر 1979-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب، ئوردۇ ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى باشلىغان. 1999-يىلىدىن بۇيان ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەردە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەن. ئۇ خىتاي دۆلەتلىك ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش ۋە مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى «ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى»نى قۇرۇپ، 11 يىلدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆگەنگۈچى تەربىيەلىگەن. ئۇ 2017- يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا ياشاپ، 2018–2025- يىللىرى ئارىسىدا «ئامېرىكا ئاۋازى»دا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە خەۋەر ئىشلەيدىغان مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ھازىر ئاتلان ئاكادېمىيەسىنى ئامېرىكىدا قايتا قۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىدا ئۈچ خىل تىلدا خەۋەر ئىشلەيدىغان «ئۇيغۇر مونىتور» ناملىق ئۇيغۇر ئاخبارات ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىۋاتىدۇ
سوئال: دەرسلەر قەيەردە ۋە قانداق ئۆتۈلىدۇ؟
جاۋاب: بارلىق دەرسلەر ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ تور دەرسخانىسىدا نەخ مەيدان ۋە ئالدىن خاتىرىلەنگەن فىلىملىك شەكىلدە ئۆتۈلىدۇ. نەخ مەيدان دەرسلەر خاتىرىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا كېيىن خالىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا قايتا كۆرۈش ئۈچۈن ئاتلان ئاكادېمىيەسى تور دەرسخانىسىدا تەمىنلىنىدۇ
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ كۇرسلىرى ئادەتتىكى تور دەرسلىرىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ كۇرسلىرى نەخ مەيدان دەرسلەر، خاتىرىلەنگەن ۋىدىئو دەرسلەر، سىستېمىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى بىلەن باشقا ئادەتتىكى تور دەرسلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىم پەرقى بارلىق ئىنگلىز تىلى دەرسلىرىنى 26 يىلدىن كۆپرەك ئىنگلىز تىلى دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى قاسىمجان مۇئەللىم ئۆتىدۇ
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيەسنىڭ كۇرسلىرىغا ئايرىم-ئايرىم تىزىملاتماستىن، بارلىق كۇرسلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا تىزىملاتقىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچى بولۇشنىڭ ئايلىق ھەققى قانچە؟
جاۋاب: ئاتلان ئاكادېىمىيەسىنىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلىق ئوقۇغۇچىلىق ھەققى 99 دوللار. دېمەك ئايلىق ئوقۇغۇچى بىر ئايلىق ھەق تۆلەش ئارقىلىق ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا بىر ئايلىق ئوقۇغۇچى بولالايدۇ
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيەسىنىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا قاتناشقۇچى ئوقۇغۇچى يىللىق ئوقۇغۇچى بولسا ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا قانداق ئېتىبار ۋە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلان ئاكادېمىيەسىگە يىللىق ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان ۋاقىتتا بىر يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھەققىنى بىر قېتىمدا تاپشۇرىدۇ. يىللىق ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئايلىق ھەققى 82 دوللاردىن ھېسابلىنىپ جەمئي 984 دوللار ئالدىن تاپشۇرىدۇ. يىللىق ئوقۇغۇچى ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا ئايدا 17 دوللار، يىلدا 204 دوللار ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىللىق ئوقۇغۇچى ئايلىق ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش بارلىق كۇرسلارغا قاتنىشىش، بارلىق دەرسلەرنىڭ مەشق-كۆنۈكمە، سىناقلىرىنى ئۆگىنىش قاتارلىق ئوخشاش ئىمتىيازلاردىن باشقا، يېڭى ئېچىلىماقچى بولغان كۇرسلارنىڭ دەرسلىرىگە ئالدىن قاتنىشالايدۇ
سوئال: قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى دېگەن نىمە؟ قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى سانى چەكلىكمۇ؟ قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئايلىق ۋە يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا سىېلىشتۇرغاندا قانداق ئېتىبار ۋە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلان ئامېرىكىدا 2026- يىلى قايتا قۇرۇلۇپ، چەكلىك ساندا قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا ئاتلاننىڭ ئايلىق ۋە يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ ئېتىبار ۋە ئىمتىيازلاردىن بەھىرىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتلاننىڭ قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتلان قوبۇل قىلىدىغان قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى سانى چەكلىك بولۇپ. چەكلىك ساندىكى ئوقۇغۇچى تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان ۋاقىتتا 24 ئايلىق (يەنى ئىككى يىللىق) ئوقۇغۇچىلىق ئوقۇش ھەققىنى بىر قېتىمدا تاپشۇرىدۇ. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ھەر ئايدا تاپشۇرىدىغان ئوقۇش ھەققى 29 دوللاردىن ھېسابلىنىپ 24 ئايغا جەمئىي 696 دوللار تاپشۇرىدۇ. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئايلىق ئوقۇغۇچىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئايدا 70 دوللار، ئىككى يىلدا 1680 دوللار ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئېرىشىدىغان ئىمتىيازلىرى ئايلىق ۋە يىللىق ئوقۇغۇچى ئېرىشىدىغان بارلىق ئىمتىيازلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى ئايلىق ۋە يىللىق ئوقۇغۇچىلار ئېرىشەلمەيدىغان مۇھىم ئىمتىيازلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىنگلىز تىلىنى سستېىمىلىق ئۆگىنىپ غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، قاسىمجان مۇئەللىم ئۆزى باشتىن ئاخىرى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر كۈن نەخ مەيدان سۆزلەيدىغان 50 لېكسىيەلەرگە قاتنىشىش ئىمتىيازى. قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلار ئېرىشىدىغان يەنە بىر مۇھىم بىلىشكە تېگىشلىك ئىمتىياز بولسا 24 ئاي، يەنى ئىككى يىللىق ئوقۇغۇچىلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ئاتلاننىڭ بارلىق كۇرسلىرىغا قاتنشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيتىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا يەنە ئوخشاشلا بۇرۇنقىدەك 696 دوللار بىلەن كېينىكى ئىككى يىلغا قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولۇش ئىمتىيازىغا ئىگە. شۇنداقلا دەسلەپكى ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزى قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمىسلا بۇ ئالاھىدە ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇش ئىمتىيازىدىن كەلگۈسىدىكى ھەر ئىككى يىلدا بىر قىتىم بەھىرلىنەلەيدۇ
سوئال: قاچان ۋە قانداق ئۇسۇلدا ئاتلان ئاكادېمىيەسى قۇرغۇچى ئوقۇغۇچىسى بولغىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلان يولغا قويغان چەكلىك ساندا قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى مەزگىلىدە تاكى چەكلىك سان توشقۇچە ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇش ئارقىلىق تىزىملىتالىغان ئوقۇغۇچىلار قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولغان بولىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئېتىبار چەكلىك سان توشقاندا ئاخىرلىشىدۇ
سوئال: تۈركىيە ۋە بەزى باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقانلارغا ئوقۇش ھەققىدە ئېتىبار بارمۇ؟
جاۋاب: ئاتلان ئاكادېمىيەسى يولغا قويغان قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار پائالىيىتى دەل يۇقارقى سوئالنى سورىغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ماس كېلىدۇ. يەنى سىز قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئاتلاننىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېتىبارىغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولۇش ئېتىبار پۇرسىتىنى سان توشقىچە قولدىن بېرىپ قويمىسىڭىزلا بولىدۇ
سوئال: بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولماقچى بولسا قانداق بولىدۇ؟
جاۋاب: بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولماقچى بولسا، ھەر بىر ئوقۇغۇچى 696 دوللار تۆلىمەستىن بەلكى بىرىنچى ئوقۇغۇچى 696 دوللار، ئىككىنچى ئوقۇغۇچى 596 دوللار ۋە كېيىنكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 496 دوللار تاپشۇرسا بولىدۇ. بىر ئائىلىلىك ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى پەقەت بىۋاستە ئەر ئايال ۋە پەرزەنتلەرنى كۆرسىتىدۇ. باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر ئائىلە ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەت سۈپىتىدە يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە ئىمتىياز ئارقىلىق تىزىملىتالمايدۇ
سوئال: كۇرسلارنىڭ سىناق ۋە ئىمتىھانلىرى بارمۇ؟
جاۋاب: ھەر بىر دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەشىق، سەۋىيە سىناق ۋە باھالاش سىستېمىسى بار بولۇپ، كۆنۈكمە مەشىقلەر ۋە سەۋىيە سىناقلىرى نەخ مەيدان دەرسلەر ۋە ئالدىن فىلىملىك دەرسلەرنىڭ فىلىملىرىنىڭ ئالدى كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەر بىر دەرسكە مۇناسىۋەتلىك كۆنۈكمە مەشىق ۋە سەۋىيە سىناقلىرىنى خالىغان ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئۆز ئالدىغا ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش دەرىجىسىنى بىلىپ تۇرالايدۇ
سوئال: ھەر بىر كۇرسنى غەلىبىلىك تاماملىغاندىن كېيىن گۇۋاھنامە بېرىلەمدۇ؟
جاۋاب: ھەئە، كۇرسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئاتلان ئاكادېمىيىسى نامىدا ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە بېرىلىدۇ
سوئال: ئەگەر ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىھتىياجى تۈپەيلى باشقا خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىنىڭ نەتىجىسى ۋە گۇۋاھنامىلىرى لازىم بولسا قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب: ئاتلان دەرسخانىسىدا سىز ئۆگىنىپ ئىرىشكەن نەتىجىڭىز ۋە گۇۋاھنامىلىرىڭىز مەلۇم خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ قانداق نەتىجىگە ئىرىشىىشىڭىزنى بەلگىلىشىڭىز ۋە ئۇلارغا قاتنىشىشنى قارار قىلىشىڭىز ئۈچۈن كۆرسەتكۈچ بولالايدۇ. سىز ئاتلان گۇۋاھنامىلىرى ئارقىلىق باشقا خەلقئارا ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىدا قانچىلىك نەتىجىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز ۋە باشقا ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش ۋاقتىڭىزنى قارار قىلالايسىز. ئۆگىنىش نەتىجىڭىزنى خالىغان ۋاقتتا كۆرۈپ تۇرالايسىز
سوئال: ئاتلان ئاكادېمىيىسىگە قانداق تىزىملىتىمەن؟
جاۋاب: ئاتلان تور بېتىدىكى سىز تاللىغان ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى ياكى كۇرس بېتىدە ئېلخەت ۋە بانكا ھېساباتىڭىزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇپ تىزىملاتسىڭىز، تىزىملاتقان ئېلخەت ئادرېسىڭىز ۋە مەخپىي نۇمۇرىڭىز بىلەن دەرسخانىغا كىرىپ ئۆگىنەلەيسىز
سوئال: ئاتلاننىڭ ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟
جاۋاب: ھازىر بار بولغان ئاتلاننىڭ ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىغا 13 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار قاتناشسا مۇۋاپىق. ئەگەر تىزىملاتقۇچى 18 ياشتىن تۆۋەن بولسا، ئاتا ئانىسنىڭ رۇخسىتى بىلەن ۋە ئاتا ئانىسى تىزىملىتىش ئارقىلىق قاتنىشىشى كېرەك. ( ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋالدا بالىڭىز 11 ياش بىلەن 12 ياش ئارلىقىدا، مۇستەقىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى يېتىلگەن بولسا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.)
سوئال: ھەر بىر قېتىملىق نەخ مەيدان دەرس ۋە لېكسىيەلەرنىڭ ۋاقتى قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟
جاۋاب: ھەر بىر قېتىمدىكى نەخ مەيدان دەرس ۋە لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ ۋاقتى 30 تىن 90 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ
سوئال: ئاتلاننىڭ دەرسلىرىگە قانداق ئۈسكۈنە ئارقىلىق قاتنىشىمەن؟
جاۋاب: دەرسلەرگە يانفۇن، پەد ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قاتنىشالايسىز (سىز دەرسكە قاتنىشىدىغان ئۈسكۈنە تورغا يەنى ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان بولۇشى كېرەك)
سوئال: نەخ مەيدان دەرسلەر ۋە لېكسىيەلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشالمىسام قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب: ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى نەخ مەيدان دەرسلەر ۋە لېكسىيەلەرگە ۋاقتىدا قاتنىشالماي قالسىڭىز ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بارلىق نەخ مەيدان دەرسلەر فىلىملىك خاتىرىلىنىپ، تور دەرسخانىڭىزغا يوللىنىدۇ. سىز نەخ مەيدان دەرسى تۈگىگەندىن كېيىنمۇ شۇ دەرسنى ۋە باشقا بارلىق ئۆتۈلۈپ بولغان نەخ مەيدان دەرسلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتا-قايتا كۆرۈپ ئۆگىنەلەيسىز
سوئال: ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم ۋە نىشانىمغا ماس كېلىدىغان كۇرس ياكى كۇرسلارنى قانداق تاللىيالايمەن؟
جاۋاب: سىز ئىنگلىز تىلىنى نۆل سەۋىيەدىن (يەنى ھەرپ ۋە تاۋۇشلاردىن) باشلاپ ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئىنگلىز تىلىغا كىرىش كۇرسىغا قاتناشسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر ئىنگلىز تىلىنى ئىلگىرى ئاز تولا ئۆگىنىپ باققان ۋە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويغان ۋە ھازىر ئىلگىرى ئۆگەنگەن مەزمۇنلار ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولسا يەنە ئوخشاشلا نۆل سەۋىيەدىن باشلايدىغان ئىنگلىز تىلىغا كىرىش كۇرسىغا قاتناشسىڭىز مۇۋاپىق. ھازىرقى سەۋىيىڭىز ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە ئۆگەنگەن لېكىن سۆزلەش، ئاڭلاپ چۈشىنىش، شۇنداقلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بىمالال ئىنگلىز تىلىنى ئىشلىتىشتە قىينالسىڭىز، ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەش ۋە قوللىنىش كۇرسىغا تىزىملاتىسىڭىز بولىدۇ. گرامماتىكا كۇرسلىرى ئۈچ خىل سەۋىيەدە بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى سەۋىيە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گرامماتىكا كۇرسلىرىنى تاللاشتا ئۆز سەۋىيىڭىزگە ماس كەلگەننى تاللىسىڭىز بولىدۇ. سۆزلۈك كۇرسلىرى ھەم ھەر خىل سەۋىيەدە. باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 3000 سۆزلۈك كۇرسى ماس كېلىدۇ. ئوتتۇراھال سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 7000 سۆزلۈك كۇرسى ماس كېلىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا 12000 سۆزلۈك كۇرس ماس كېلىدۇ. تۇراقلىق بىرىكمە ۋە ئىدىئوم كۇرسلىرى بارلىق سەۋىيەدىكى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدۇ
سوئال: ئىنگلىز تىلىنى پۈتۈنلەي نۆل سەۋىيىدىن باشلىغۇچىلار ئۈچۈن ئېچىلغان ئىنگلىز تىلىغا كىرىش كۇرسىغا قايسى كىتاب ياكى كىتابلار دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قانداق سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىنگلىز تىلىغا كىرىش كۇرسىغا قاسىمجان مۇئەللىم 2010-يىلى تۇنجى تۈزۈپ 2017- يىلىغا قەدەر ئۈرۈمچى ئاتلاندا ئۆتكەن 8 قىسىملىق سىستېمىلىق دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئالدىنقى 3 كىتابى ئۆتۈلىدۇ. ئىنگلىز تىلىدىن نۆل سەۋىيىدىن باشلىنىپ ئىنگلىز تىلى «ئا 2» دەرىجىدىكى سەۋىيەگە يېتىدۇ. بۇ كۇرسنى غەلىبىلىك تاماملىغانلار ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەش ۋە قوللىنىش كۇرسىغا بىمالال قاتنىشىدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ
سوئال: ئاتلان ئىنگلىز تىلىنىڭ دەسلەپكى 3 قىسىم كىتابلىرىنى قەيەردىن سېتىۋالىمەن؟
جاۋاب: ئىنگلىز تىلىغا كىرىش كۇرسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاتلان ئىنگلىز تىلى يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ دەسلەپكى 3 قىسم كىتابىنىڭ تور نۇسخىسى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدۇ. سىز دەرسكە تىزىملاتقاندىن كېيىن تور دەرسخانىسىدا بۇ كىتابلارنى چۈشۈرەلەيسىز
سوئال: ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەش ۋە قوللىنىش كۇرسى قايسى سەۋىيەدىكىلەرگە ماس كېلىدۇ، قايسى كىتاب ياكى كىتابلار دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قانداق سەۋىيەگە يەتكىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەش ۋە قوللىنىش كۇرسى بولسا ئىنگلىز تىلىدا ئاددىي جۈملىلەرنى بىلىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددىي تېمىلاردا پاراڭلىشالايدىغان، دەسلەپكى ئاساسى بولغان يەنى ئىنگلىز تىلى سەۋىيىسى «ئا 1» سەۋىيىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ كۇرستا قاسىمجان مۇئەللىم ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش دەرسلىكلىرى ئىچىدە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىككى قىسىملىق كىتاب ۋە فىلىم كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلغان «ئامېرىكا ئائىلە ئالبومى» ناملىق ئامېرىكىدا 90-يىللاردا تۇنجى نەشىر قىلىنغان يۈرۈشلۈك دەرسلىكنى باشتىن ئاخىرىغىچە ئۆتىدۇ. بۇ كىتابنى تەلەپ بويىچە ئۆگەنگۈچىلەر ئامېرىكا ئىنگلىز تىلى مەدەنىيىتىنى ياخشى چۈشۈنۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، كەسىپ، ساياھەت ۋە ھەر خىل مۇلازىمەت جەھەتلەردە كېرەكلىك بولغان ئىنگلىز تىلىنى راۋان ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە راۋان سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. قاسىمجان مۇئەللىم بۇ بىر يۈرۈشلۈك دەرسلەرنى ئۆزى 1990- يىللاردا ئۆگەنگەن ۋە ئالاھىدە ئۈنۈمىنى كۆرگەن ۋە 2000- يىللاردىن باشلاپ نۇرغۇن ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۆگەتكەن. بۇ بىر يۈرۈش دەرسلىك سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئىنگلىز تىلىنى راۋان چۈشىنىش ۋە سۆزلىشىڭىزنىڭ ئاچقۇچى بولالايدۇ. بۇ كۇرسنى غەلىبىلىك تاماملىغانلار، ئىنگلىز تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە سۆزلەش سەۋىيىسى «ب 2» دەرىجىگە يېتىدۇ
سوئال: «ئامېرىكا ئائىلە ئالبومى» ناملىق يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلارنى قەيەردىن سېتىۋالىمەن؟
جاۋاب: «ئامېرىكا ئائىلە ئالبومى» ناملىق يۈرۈشلۈك دەرسلىك كىتابلارنى ئۆزىڭىزگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىز تىلى كىتابخانىلىرىدىن ياكى ئامازون قاتارلىق تور سودىسى سۇپىسىدا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. تاپالمىسىڭىز ياكى قايسى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئىككىلەنسىڭىز، قاسىمجان مۇئەللىمدىن بىۋاستە سورىسىڭىز بولىدۇ
سوئال: كۇرسلارنى نەخ مەيدان دەرسلىرى تۈگىگەندىن كېيىن قاچانغىچە كۆرۈپ ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: ئاتلاننىڭ ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىنىڭ مەيلى نەخ مەيدان دەرسلەر بولسۇن ياكى تەييار ۋىدئولۇق دەرسلەر بولسۇن ھەر بىر كۇرسقا ئايرىم تىزىملاتقۇچىنىڭ ئوقۇش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. بۇ مۇددەتتە ئوقۇغۇچىلار بارلىق كۇرس ۋە شۇ كۇرسلارغا مۇناسىۋەتلىك مەشىق-كۆنۈكمە ۋە سىناقلارنى بىر يىللىق ئۆگىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئايلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ تىزىملاتقان بولىسىڭىز، بارلىق ئىنگلىز تىلى كۇرسلىرىنى بىر ئاي ئۆگىنىش سالھىيتىگە ئىرىشىسىز. يىللىق ئوقۇغۇچى بولۇپ تىزىملاتقان بولسىڭىز بارلىق بارلىق كۇرسلارنى بىر ئاي ئۆگىنىش سالاھيىتىگە ئىرىشىسىز. ئەگەر قۇرغۇچى ئوقۇغۇچى بولۇپ تىزىملاتقان بولسىڭىز بارلىق ئىنگلىز تىلى كۇرسلارنى ئىككى يىل قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشىسىز
سوئال: ھەر بىر كۇرستىكى دەرس مەزمۇنلىرىنى تەكرار قىلىش ئۈچۈن بىر يىل ياكى ئىككى يىللىق مۇددەت يېتەرلىكمۇ؟
جاۋاب: ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، ئۆگىنىش ئادىتى، ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى قاتارلىق ئامىللار بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن. ھەر بىر تىل ئۆگەنگۈچىگە كېرەكلىك بولغان تەكرار قىلىدىغان مۇددەت ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەزى ئوقۇغۇچىلارغا بىر ياكى ئىككى يىل مۇددەت يېتەرلىك بولسا يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلارغا شۇ ئوخشاش مەزمۇننى بىر قانچە يىل ۋاقىت قايتا تەكرار قىلىش مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مۇددەت مەسىلىسى ھەر بىر كىشى پەرقلىق ئاياغ كەيگەندەك بىر ئىش
